ئوقۇش ھەققىدە مەسلەھەت

ئوقۇش ھەققىدە مەسلەھەت

تۈركىيەدە ھازىر شەرقىي تۈركىستاندىن ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچۇلار ئوقۇۋاتىدۇ. بۇلار تۈركىيەدە ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزىنى يېتىشتۈرۈپ، ئۆزى ۋە ۋەتىنىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ياراملىق بىر ئەۋلاد بولۇپ يېتىشىپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىمىز شەرقىي تۈركىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھىرىيەتلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيەدە تۈرك تىلى ئۈگىنىش، مەكتەپ تاللاش، كەسىپ تاللاش، ھەرقايسى ئىنتاھانلارغا قاتنىشىش، ئوقۇشتىن كىيىنكى خىزمەت تېپىش مەسىلىلىرى ھەققىدە مەسلەھەت بىرىپ كىلىۋاتىدۇ. ۋەخپىمىز ھەپتىدە 6 كۈن خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، ئوقۇشتا ھەرقانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئوقۇغۇچى زەيتۇنبۇرغا جايلاشقان ۋەخپە مەركىزىگە كىلىپ ۋەياكى ۋەخپىنىڭ ئالاقىلىشى تېلىفۇن نۇمۇرىغان تېلىفۇن قىلىش ئارقىلىق مەسلەھەت سورىيالايدۇ ۋە ياردەمگە ئىرىشەلەيدۇ. شۇنىڭدەك ۋەخپىمىز تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلەردىكى ئونۋېرسىتىتلارنىڭ خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئىشخانىلىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپلەر ھەققىدە ئۇچۇر ئىگەللىشى ۋە باشقا ئىشلىرىدا تېخىمۇ ئەتراپلىق ياردەم بىلەن تەمىنلىيەلەيمىز. شۇنىڭدەك ئوقۇغۇچىلار ۋەخپىمىزدىن مەكتەپلەرگە تېزىملىتىشقا كېتەرلىك تونۇشتۇرۇش خېتىنى تەلەپ قىلالايدۇ.

بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ۋە باشقا قىيىنچىلىقلار سەۋەپلىك مەكتەپلەرگە ۋە ئىنتاھانلارغا تىزىملىتالماسلىق مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ ۋەخپە مەركىزىدە ھەقسىز ۋاكالىتەن تىزىملىتىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدۇق.

ئوقۇشقا تىزىملىتىش ئىشلىرىدا تېخىمۇ قۇلايلىق يارتىلىشى ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلار ۋەخپىمىزگە كىلىپ، ئوقۇغۇچىلار مەلۇمات جەدىۋېلىنى توشقۇزۇپ قويسا بولىدۇ. توشقۇزۇش ئۈچۈن كىتىدىغان ماتىرىياللار:

2 پارچە رەسىم

بىر نۇسخا پاسپورت كۆپەيتمىسى

بىر نۇسخا تۈركىيە ئىقامەت كۆپەيتمىسى

ۋەخپىمىزنىڭ نىشانى بارلىق شەرقىي تۈركىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ھاياتىدا قۇلايلىق يارىتىش ۋە قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگىنىچە ياردەم قىىلشتۇر.