ئۇنۋېرستىت سىسىتىمىلىرىغا تىزىملاش ئۈچۈن لازىم بولىدىغان ئاساسلىق ماتىرىياللار

ئۇنۋېرستىت سىسىتىمىلىرىغا تىزىملاش ئۈچۈن لازىم بولىدىغان ئاساسلىق ماتىرىياللار

(بەزى ئۇنۋېرستىتلارنىڭ ئايرىم تەلەپلىرى بار، ئۇنى ئۆزىنىڭ سېستىمىدىن بىلىمىز)

ئەسكەرتىش: تۆۋەندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ھەممە بەتلىرىنىڭ ئەسلى رەڭلىك ھالىتىدىكى تولۇق رەسىمى ۋە پى دى ئەف PDF نۇسخىسى لازىم بولىدۇ

PDF كە ئايلاندۇرغاندا دىپلومنىڭ ھەممە بەتلىرىنى كىرگۈزۈپ بىرلام قىلساق، ئاندىن نوتەرىنىڭ ئالدى ئارقىنى يەنە بىر قىلساق ياخشى بولىدۇ، چۈنكى ھەر بىر تۈردىن بىرلام ھۆججەت كىرگۈزىدىغان سىستىمىلارغا (پى دى ئەف PDF) نۇسخىلىرىنى كىرگۈزسەك بولىدۇ.

تۆۋەندىكى ئۈچ نەرسىنى ھەرقانداق  ئۇنۋېرستىت تەلەپ قىلىدۇ:

1ـ كىچىك رەسىم.

2- پاسپۇرت ـ ئىقامەت، (بەزى مەكتەپ پاسپورتنىڭ تەرجىمىسىنى سورايدۇ، ئەگەر پاسپورت بولمىسا ئىقامەتنى ئاشۇنىڭ ئورنىدا ئىشلەتسە كۆپىنچىسى قوبۇل قىلىدىكەن).

3- تولۇق ئوتتۇرنىڭ دىپلۇمى ۋە ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ تەرجىمە – نوتەرلىرى.

~~~~~~~~~~~~~~~~~

(يۇقىرىدىكىلەر بىلەن قوشۇپ) تۆۋەندىكى ئىككىسىنى ئاساسلىق شەخسى  ئۇنۋېرستىتلار تەلەپ قىلىدۇ:

4 – ئىلمى ساھەدە ئورنى بولغان ئىككى كىشنىڭ ياكى ئىككى ئورگاننىڭ رەفەرانىسى Referans mektubu (يەنى تونۇشتۇرۇش خېتى) بۇنى مۇشۇ سۈپەتتىكى ئىككى يەردىن ئالساڭلا بولىدۇ، مەسىلەن: سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسى ۋە ئۆلۈمالار بىرلىگى، ياكى باشقا  رەسمىلەشكەن ۋە ئىلمى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋەخپە – دەرنەكلەر، ياكى مەكتەپلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇستازلار… دىگەندەك يەرلەردىن. بۇ (بەزى شەخسى ئۇنۋېرستىتلارغا لازىم).

5- نىيەت مەكتۇپ Niyet mektubu (يەنى ئۆزىڭىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى بىلەن قوشۇپ قانداق شەكىلدە ۋە نىمە ئوقۇش مەقسىتىڭىز بارلىقى) نى ۋە Özgeçmiş ئۆز كەچمىش دىگەن  ئۆزىڭىزنىڭ تەرجىمىھالىنى يېزىش، بولۇپمۇ ئوقۇ – ئوقۇتۇشقا ئالاقىدار تەرەپلەرنى تەپسىلىرەك يازسا ياخشى ، بۇ ئىككىسىنى ئوقۇغۇچى ئۆزى ئولتۇرۇۇۇپ (تۈركچە) يېزىش كېرەك، ئاز دىگەندە يېرىم بەت كەلگىدەك يازمىسا ئۇنىمايدىكەن.

ئىزاھات: ئىبنى خالدۇن، فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋە ساباھۇددىن  زەئىمغا ئوخشاش شەخسى (يەنى پۇللۇق) ئۇنۋېرستىتلار يۇقارقى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى باشتا تەلەپ قىلىدۇ.

~~~~~~~~~~~~~~~~~

(يۇقىرىدىكى ھەممىسى بىلەن قوشۇپ) تۆۋەندىكى ئىككىسى  ھازىر بولسا ياخشى، بولمىسا كېيىن تولۇقلىسىمۇ بولىدۇ:

6 ـ ئەگەر بولۇپ قالسا تۆمەر بەلگىسى (بولسا C1 سەۋىيەنىڭ) بۇ (تۈركچە ئوقۇغانلارغا بىرىدىغان دىپلۇم)، بۇ بولسا بىرىنچى سىنىپقا كىرگىلى بولىدۇ، بولمىسا تەييارلىق سىنىپقا بۆلۈپ قويىدۇ، تەييارلىق سىنىپ ھەممە يەردە پۇللۇق ئىكەن، بۇنى مەكتەپكە رەسمى ماتىرىيال تاپشۇردىغان چاغقىچە تەييار قىلسا بولىدۇ.

ئەگەر بولۇپ قالسا دىپلۇمنىڭ دەنكلىك بەلگىسى Denklik Belgesi (بۇ تولۇق ئوتتۇرنىڭ دىپلومىغا، (ئىل مىللى ئېيتىم مۈدۈرلىگى –  İl Milli Eğitim Müdürlüğü) دىگەن يەردىن بىرىدىغان تەستىق). بۇنداق تەستىق بىرىدىغان ئىدارە، ئىستانبۇل بىلەن قوشۇپ تۈركىيەنىڭ پۈتۈن  ۋىلايەتلىرىنىڭ مەركەزلىرىدىمۇ مەۋجۇتتۇر.
بۇ بەلگە باشتا يەنى تىزىملىغان ۋاقىتتا شەرت بولمىغان بىلەن، مەكتەپكە كىرىپ بولغاندا چۇقۇم لازىم بولىدۇ، شۇڭا ۋاقتىدا تەييارلاپ قويۇش كېرەك. ئەمما ئۇ يەردىن بەزىدە  بىر قانچە ھەپتىدە تەستىقلىنىپ چىقىدىغان بولغاچقا، چىقىپ بولغىچە لازىم بولۇپ قېلىش ئىھتىمالى بولغانلار، ئۇ يەرگە تاپشۇرۇشتىن ئىلگىرى دىپلوم ۋە نوتەرلىرىنىڭ ھەممە بەتلىرىنى سۈزۈك رەسىمگە تارتىۋېلىش ۋە رەڭلىك كۆپەيتىۋېلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
دەنلىك بەلگىسىنى ئالغاندىن كېيىن ئۇنىمۇ رەسىمگە تارتىۋېلىش ۋە رەڭلىك كۆپەيتىۋېلىش ياخشى ئىش، چۈنكى بۇنىمۇ مەكتەپكە تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن لازىم بولسا قايتا چىقارماق بەك تەس ئىكەن.

~~~~~~~~~~~~~~~~

باشقا مۇھىم ئەسكەرتىشلەر:

بىرىنچى:
ھەر قايسى مەكتەپلەرگە تىزىلاتماقچى بولغانلار:  1- ئاۋۋال بوش ئورۇنلارنى بىر كۆرۈپ ئاندىن شۇ بوش ئورۇن مەۋجۇت بولغان كەسىپلەرنى تاللاشقا دىققەت قىلىڭلار. 2- كەسىپلەرنىڭ ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا دىققەت قىلىڭلا ئامال بار İÖ ياكى İkkinci Öretim دەپ يېزىپ قويغاننى تاللىماڭلا، چۈنكى بۇنداق چىقىدىغىنىنڭ ئوقۇش پۇلى نورمالدىكىدىن 3 ھەسسە قىممەت چىقىپ قالىدۇ.

ئىككىنچى:
تۈركىيەدە ھەرقانداق مەكتەپكە قوبۇل بولغانلىقىڭىز، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتاق ۋە تاماقلارنىڭ ھەل بولغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، دىمەك بۇ ئىككى ئىشنى ئايرىم ھەل قىلىدىغان گەپ. 
ئەمما ياخشى يىرى: كۆپۈنچە مەكتەپلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ياكى باشقا بىر تەرەپنىڭ شۇ مەكتەپلەر ئەتراپىدا ئوقۇغۇچىلار ياتىقى بار، بەزىسىگە ئوبدان يولىنى قىلسا ھەقسىز قوبۇل قىلىدۇ. ھېچ بولمىسا ئەرزان قىلغىلى بولىدۇ. تاماقمۇ ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىدە ئەرزان.
ئەلبەتتە بۇ گەپ، (تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى – Türkiye Bursları) ۋە (تۈركىيە دىيانەت ۋەخپى –
Türkiye Diyanet Vakfı) دىگەندەك پۈتۈن چىقىمىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغاندىن سىرت ئايلىق ياردەم پۇل بىرىدىغان، ئورگانلار ئارقىلىق مەكتەپكە كىرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن باشقىلارغا قارىتىلغان گەپ.

ئاخىرىدا ھەممىمىزگە ئۇتۇقلۇق تىلەيمىز
ھۆرمەت بىلەن: سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسى