• بىز كىم
  • بۇرچىمىز
  • غايىمىز

بىز كىم

قەدىمىي تارىخىي ماكان – تۈركىستان جۇغراپىيەسى ئىسلامنى قۇبۇل قىلغان 12 ئەسىر ئىچىدە مول ۋە كۈچلۈك تۈركىستان ئىسلام مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن. جەنۇپتىن شىمالغىچە، شەرىقتىن غەرپكىچە پۈتۈن تۈركىستان جۇغراپىيەسى ھۇنلاردىن باشلاپ، تابغاچلار، كۆكتۈركلەر، ئۇيغۇرلار، قاراخانىيلار، غەزنەۋىيلەر، ھەرزەمشاھ ۋە سەلچۇقلار دەۋرىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، دۇنيا تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان بولسا، قارىخانىيلار دەۋرىدە ئىلىم ۋە مەدەنىيەتتە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن ئىدى. بولۇپمۇ، قاراخانىيلار سولتانى ئابدلكەرىم ساتۇق بۇغراخاننىڭ مۇسۇلمان بولىشى بىلەن، بۇ زىمىن ئەخمەد يەسەۋىي، شاھى نەخشەبەندى، ئىمام بۇخارىي، تىرمىزىي، ئىبنى سىنا، فارابىي، بەيرۇنى، خارەزمى، ئۇلۇغ بەگ، يۇسۇپ خاس ھاجىم، مەھمۇد كاشىغەرىي ۋە سانساناقسز ئىلىم-ئىرفان سولتانلىرىنىڭ يۇرتى بولمۇش مۇبارەك زىمىندۇر. ۋەخپىمىز تارىخقا ئىسمىنى ئالتۇن ھەرىپلەر بىلەن يازغان، تۈركلەر ئىرقىنىڭ ئىسلامغا مۇشەررەپ بولىشىغا مۇبارەك ۋەسىلە بولغان، قەبرىسى تۈركىستان جۇغراپىيەسىنىڭ تارىخى پايتەختى قەشقەرنىڭ ئارتۇش شەھرىگە جايلاشقان بۈيۈك تۈرك سولتان ئابدۇكەرىم ساتۇق بۇغراخان ھەزرەتلىرىنىڭ ئۆچمەس نامى ۋە ئارزۇسىنى ئەۋلادلارغا تونۇتۇش، ئەجداد روھىنى ياش نەسىللەرگە يەتكۈزۈش ۋە سىڭدۈرۈش مەقسىتىدە، خەلقپەرۋەر تۈرك ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھەمكارلىقىدا 2012 – يىلى قۇرۇلدى.

بۇرچىمىز

تارىختا بولۇپمۇ قاراخانىلار دەۋرىدە بۈيۈك تۈركىستان جۇغراپىيەسىگە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئىلىم، سەنئەت، كۈلتۈرنىڭ بىرىكىشىدىن ۋۇجۇدقا چىققان مول مەدەنىيەت ۋە شانلىق غايىمىزنىڭ يېڭىدىن جانلاندۇرۇش، يېڭى ئەۋلادلارغا ئۈگىتىش ۋە مىللىي روھنى سىڭدۈرۈشتۈر. يېڭى ئەۋلاد تۈركىستان ياشلىرىنىڭ ھەر ساھەدە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىش ۋە كۈچ چىقىرىش. پۈتۈن ئىسلام جۇغراپىيەسىدە ياشاۋاتقان خەلقلەر ئارا ئورتاق قىممەت قاراش ئاساسىدا قېرىنداشلىق ھاسىل قىلىش. تۈركىستان تۈركلىرى ئارىسدىكى دىنىي ۋە مىللىي كىملىكنى تېخىمۇ كۈچلۈك گەۋدىلەندۈرۈش. خۇسۇسەن تۈركىستانلىق ياشلارنىڭ ھەر ساھەدە ئاكادىمىك تەتققات ئېلىپ بېرىشى ۋە ئىلمى خىزمەت قىلىشىغا ياردەمچى بولۇش . تۈركىستان ياشلىرىنىڭ ئادالەت ، مەسئۇلىيەت ۋە ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىغا ئوخشاش خەلقارالىق ئىنسانىي قىممەت قاراشلارغا ئېگە بولۇشىغا ياردەم قىلىش  ۋە دۇنيا بىلەن ماسلاشقان ئىمانلىق، شۇرۇرلۇق، مەسئۇلىيەتچان بىردىن مۇسۇلمان بولۇشى ئۈچۈن كۆرەش قىلىشتۇر.

غايىمىز

    • تۈركىستان جۇغراپىيەلىرىدە ئۇزۇن يىللاردىن بىرى داۋام قىلىۋاتقان زۇلۇم نەتىجىسىدە خەلقلەردە پەيدا بولغان مىللىي ۋە دىني كىملىكنىڭ مەۋھۇملىشىشى ۋە ئۆز ئىشەنچىنىڭ ئاجىز بولىشى قاتارلىق ھالەتلەرنى ياخشىلاپ، ساغلام شەخسىيەت شەكىللەندۈرۈش.
     
    • ياش ئەۋلادلارنىڭ تېخىمۇ ئاڭلىق، ئۇيۇشچان، ئىناق ۋە كۈچلۈك يېتىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش.
     
    • تۈركىيەدە ۋە باشقا دۆلەتلەردە ئوقۇۋاتقان تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلار ۋە باشقا مىللەتتىن بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، سەرخىل ساھەدە يىتىشەلىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىش.
     
    • ئىلىمي، ئۆزلۈك تۇيغۇسى كۈچلۈك، مىللىي كىملىكىنى يوقاتمىغان يېڭى بىر ئەۋلاد يېتىشتۈرۈش.
     
    • تۈرك ئىسلام جۇغراپىيەسىگە مەنسۇپ ئىدىيە ئاساسىدا تەرەققىي قىلىش مەقسىتىدە، ئىلمىي تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىش ۋە ئاكادېمىك ئىمكانلار بىلەن تەمىنلەش.
     
    • مىللىي ۋە مەنىۋىي كىملىككە ئۇيغۇن تەييارلانغان پىلانلار ئارقىلىق ئۇنۈملۈك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك مائارىپ سېستىمىسى بەرپا قىلىش.
     
    • تۈرك ئىسلام جۇغراپىيەسىگە مەنسۇپ ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى، ئولتۇراق ئىمكانى، تۇرمۇش ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇش قاتارلىق ماددىي ياردەملەرنى قىلىش ۋە بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پىلانلارنى تۈزۈش.