ئالىي مەكتەپ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى 2022-ئىستانبۇل

ئالىي مەكتەپ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى

2022-ئىستانبۇل

ۋەخپىمىز بۇندىن بۇرۇنمۇ ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقاندەك، بۇ يىلمۇ 2022-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

مۇراسىمدا

  • ماگىستىرلىقنى 3.5 دىن يۇقىرى نومۇر بىلەن پۈتتۈرگەن 3 ئوقۇغۇچى ۋە 3.0 تىن يۇقىرى نومۇر بىلەن پۈتتۈرگەن 8 ئوقۇغۇچى.
  • باكلاۋۇرلۇقتا بۆلۈم بىرىنچىسى بولغان 2 ئوقۇغۇچى.
  • باكلاۋۇرلۇقتا 3,5 دىن يۇقىرى نومۇر ئالغان 5 ئوقۇغۇچى.

ۋە 3.00 تىن يۇقىرى نومۇر ئالغان 25 ئوقۇغۇچى،

شۇنداقلا ئۇنىڭدىن بىرئاز تۆۋەن ئېلىپ پۈتتۈرگەن 28 ئوقۇغۇچى،

  • ئىككى يىللىق يىراقتىن ئوقۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن 6 ئوقۇغۇچى،

بولۇپ جەمى 75 ئوقۇغۇچى ھەر بىرىنىڭ ئىسمى يېزىلغان لوڭقا ۋە ئوخشىمىغان مىقداردا مۇكاپات سوممىسى بىلەن مۇكاپاتلاندى.

مۇراسىمغا قېتىلىپ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خۇشاللىقىغا خۇشاللىق قاتقان چوڭ-كېچىك پۈتۈن مېھمانلارغا چىن قەلبىمىزدىن رەھمىتىمىزنى بىلدۈرۈمىز.

شۇنداقلا بۇ پائالىيەتكە تىزىملىتىپ مۇكاپاتلانغان ياكى تىزىملىتالماي قالغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەن پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلارغا بۇندىن كېيىنكى ھاياتىدا ئۇتۇقلۇق تىلەيمىز! ۋە ئۆز خەلقىمىز ئۈچۈن پايدىلىق خىزمەتلەرگە ئاتلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئاخىرىدا ئوقۇشى داۋاملىشىۋاتقان ياكى بۇندىن كېيىن ئوقۇشقا كىرمەكچى بولغان ئوقۇغۇچىلارغا ھەر تەرەپتىن قولايلىق بولۇشنى ئارزۇ قىلىمىز ۋە قولىمىزدىن كېلىدىغان ھەرتۈرلۈك ياردەمدە بولۇشقا ھەر زامان تەييار ئىكەنلىكىمىز ئەسلىتىپ ئۆتىمىز.

سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسى