خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە ۋەخپىمىزدىن بىر ھەيئەت،  تۈركىيە دىيانەت ۋەخپى رەئىسى  ئېھسان ئاچىق ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە ۋەخپىمىزدىن بىر ھەيئەت،  تۈركىيە دىيانەت ۋەخپى رەئىسى  ئېھسان ئاچىق ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسى رەئىسى دوكتور ئابدۇلخالىق ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت،  تۈركىيە دىيانەت ۋەخپى رەئىسى  ئېھسان ئاچىق ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدى ۋە ئۇ كىشى ھەيئىتىمىزنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

زىيارەت جەريانىدا ھەيئىتىمىز ئۇ كىشى بىلەن تۈركىيەدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە بۇندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلىرىنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرۇش ھەققىدە مۇزاكىرىلەشتى، ئۇ كىشى تۈركىيەنىڭ بەزى ۋىلايەتلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلىرىمىزدىن دىيانەت ۋەخپى ئوقۇغۇچىلار ياتىقىغا ئېھتىياجلىق بولغانلار بولسا ياردەمدە بولىدىغانلىقى بىلدۈردى.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك تۈركىيە دىيانەت ۋەخپى تۈركىيەدە ئىسلامىي ئىلىملەر ساھەسىدە ئوقۇۋاتقانلارنى ئاساسى نىشان قىلىپ تۇرۇپ تۈرلۈك پائالىيەت ۋە ئوقۇش ياردەملىرىدە بولۇۋاتىدۇ .

12-08-2022