خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە ۋەخپىمىزدىن بىر ھەيئەت، تۈركىيە دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى دوكتور نەزىف يىلماز ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە ۋەخپىمىزدىن بىر ھەيئەت،  تۈركىيە دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى دوكتور نەزىف يىلماز ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدى

 

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسى رەئىسى دوكتور ئابدۇلخالىق ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت،  تۈركىيە دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى دوكتور نەزىف يىلماز ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدى ۋە ئۇ كىشى ھەيئىتىمىزنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

زىيارەت جەريانىدا ھەيئىتىمىز ئۇ كىشى بىلەن تۈركىيەدىكى مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە بۇندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلىرىنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرۇش ھەققىدە مۇزاكىرىلەشتى.  

12-08-2022