خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە ۋەخپىمىزدىن بىر ھەيئەت كۈتەھيا دوملۇپىنار ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە ۋەخپىمىزدىن بىر ھەيئەت كۈتەھيا دوملۇپىنار ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسى رەئىسى دوكتور ئابدۇلخالىق ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتو ئاتاۋۇللاھ شاھيار باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت، كۈتەھيا دوملۇپىنار ئۇنىۋېرسىتېتى T.C. Kütahya Dumlupınar Üniversitesi نى زىيارەت قىلدى، زىيارەت جەريانىدا ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرى پروفېسسور دوكتور كازىم ئۇيسال Prof. Dr. Kâzım Uysal ۋە مۇدىر مۇئاۋىنى شۇنداقلا ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتى مۇدىرى پروفېسسور دوكتور شاھمۇرات ئارىك Prof. Dr. Şahmurat ARIK ھەيئىتىمىزنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ۋە ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھەدىيە تەقدىم قىلىشتى.

ئىككى تەرەپ ئۆتكەن ئىككى يىلدا مەزكۇر مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچى يەرلەشتۈرۈش ئىشلىرى ھەققىدە مۇزاكىرىلەشتى، ھازىر بۇ مەكتەپتە باكلاۋۇرلۇق، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقانلار بولۇپ 15 ئوقۇغۇچىمىز مەۋجۇتتۇر.

بۇ مەكتەپ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مەكتەپ بولۇپ، ھەر خىل ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 فاكۇلتېت ۋە 42 كەسىپتە تەلىم- تەربىيە بەرمەكتە، 920 ئاكادېمىك خىزمەتچى ۋە 44.000 دىن ئاشقان ئوقۇغۇچىغا ساھىبخانلىق قىلماقتا، ھەرقايسى ئىنژېنېرلىق بۆلۈملىرى ئۈچۈن ئالاھىدە مەبلەغ ئاجرىتىلغان بولۇپ، تۈرلۈك تەجرىبىخانا ئەسلىھەلىرى تولۇق ئىكەن.

شۇنداقلا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ 3000 كىشىلىك قىزلار ياتىقى بار بولۇپ، مۇھىتى پاكىز، بىخەتەر ۋە بارلىق ئەسلىھەلىرى تولۇق بولۇپ ياخشى بىر شارائىت تەييارلىغان.

مەزكۇر مەكتەپ تۈركىيەنىڭ ئانادولۇ قىسمىدىكى كۈتاھيا ۋىلايىتىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىستانبۇلغا ئانچە يىراق ئەمەس.

بۇندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ بۇ مەكتەپتىكى شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

11-08-2022