ئالىي مەكتەپ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمغا تىزىملاش داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئالدىراڭلا!

ئالىي مەكتەپ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمغا تىزىملاش داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئالدىراڭلا

ۋەخپىمىز 9-ئاينىڭ بىرىنچى ياكى ئىككىنچى ھەپتىسى، ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، مۇراسىمدا: باكلاۋۇرلۇق، ماگىستىرلىق ياكى دوكتورلۇق ئوقۇشۇنى پۈتتۈرگەن شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلار مۇكاپاتلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆرلەپ ئوقۇش، ئىش تېپىش ۋە باشقا نۇقتىلاردا مەسلىھەت بېرىش ئۈچۈن مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئۇنىۋېرسىتېت ۋەكىللىرى چاقىرىق قىلىنىدۇ.

تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار تىزىملاتسا بولىدۇ.

تىزىملاتسا بولىدىغانلار:

  • باكلاۋۇرلۇق (Lisans) نى پۈتتۈرگەن ياكى مۇشۇ مەۋسۇم پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان، ياكى 2 يىللىق كەسىپلەر (Önlisans) نى پۈتتۈرۈپ DGS ئىمتىھانىدىن ئۆتكەنلەر.
  • ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەن ياكى مۇشۇ مەۋسۇم پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلار.
  • دوكتورلۇقنى پۈتتۈرگەن ياكى مۇشۇ مەۋسۇم پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلار.

بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر ياكى ئۆتكەن 2-3 يىل ئىچىدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن، ئەمما  ۋەخپىمىزنىڭ 2021- يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا تىزىملاتمىغانلار تىزىملاتسا بولىدۇ.

ئۇقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى تېخىچە چىقمىغانلار، ھازىر تىزىملىتىپ تۇرۇپ گۇۋاھنامىنى كېيىن يوللاپ بەرسە بولىدۇ.

تىزىملاش ۋاقتى: 31-08-2022 – چېسلاغىچە.

مۇكاپاتلاش تىزىملىكى تۆۋەندىكى جەدۋەلنى توشقۇزغانلار ئاساسىدا بېكىتىلىدۇ، شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ جەدۋەلنى ئەستايىدىللىق بىلەن توغرا توشقۇزۇشنى ئۈمىد قىلىمىز:

https://forms.gle/hTt9Nw6MsyFEG1r87