سۇتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.

سۇتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى

سۇتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزى 2021-2022-ئوقۇش يىلىنىڭ بىر يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى سەفاكۆي جەننەت كۈلتۈر مەركىزىدە ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتكە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى … قاتارلىق قېرىنداش جەمئىيەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى ۋە جامائەت چوڭلىرى قەدەم تەشرىپ قىلدى، ۋە سۆز قىلدى. پائالىيەتتە سۇتۇق بۇغراخان تەلىم- تەربىيە مەركىزىنىڭ ئىسلاھاتتىن كېيىنكى، بۇ بىر يېرىم يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلەردىن قىسقىچە دوكلات بېرىلىش بىلەن بىرگە، ئوقۇ – ئوقۇتۇش پىروگراممىسى تونۇشتۇرۇلدى. پائالىيەت ئاخىرىدا مەركىزىمىزدە ئوقۇۋاتقان مەركىزىمىزدىكى ۋە دۆلەت مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇشتا تەقدىرنامە ئالغان ئوقۇغۇچىلار ئايرىم -ئايرىم مۇكاپاتلاندى.

ۋەخپىمىزنىڭ تەلىم-تەربىيە مەركىزى مەسئۇلى شۇنداقلا تولۇقسىز ۋە تولوق ئوتتۇرا مەكتەپ بۆلۈمى مۇدىرى: سەيپۇللا ئەزىز بىلەن باشلانغۇچ مەكتەپ بۆلۈمى مۇدىرى: ئالىمجان سابىرلى بىر يېرىم يىل ئىچىدە ۋەخپىمىزنىڭ تەلىم-تەربىيە مەركەزلىرىنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ باردى. بۇ يىل يازدا ئوقۇغۇچى سانى 350 كە يەتكەن، بۇلارنى 16 سىنىپقا بۆلۈپ 25 ئوقۇتقۇچى بىلەن خىزمەت قىلدى. سەرخىل ئوقۇتۇش قوشۇنى، ئۈنۈملۈك ئوقۇتۇش مېتودى ۋە سۈپەتلىك ئوقۇش مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ئوقۇش ھاياتىدا ئۇتۇق قازىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. ۋەخپىمىز نامىدىن بۇ ئىككى قېرىندىشىمىزنى تەقدىرلەيمىز ۋە تېخىمۇ چوڭ ئۇتۇقلارنى تىلەيمىز.

مەركىزىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلار بۈگۈندىن باشلاپ تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدۇ ۋە 9- ئاينىڭ 12- كۈنىدىن باشلاپ  بۇرۇنقىدەك ھەر كۈنى دۆلەت مەكتەپلىرىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەكتەپنىڭ دەرسلىرىنى تەكرار قىلدۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ماس ھالدا كۈچەيتىش دەرسلىرى، ئانا تىل، كۈلتۈر ۋە دىن-ئەخلاق دەرسلىرى داۋام قىلىدۇ.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ھەر ۋاقىت خەلقىمىزنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنى قوللاپ كەلگەن شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى (ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى) گە ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.

بۇ پائالىيەتنىڭ تەپسىلاتىنى نەق مەيداندىن كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن مەرھەمەت:

https://www.facebook.com/istiqlaltv.net/videos/453969833304144/