تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كۆچۈش ئىمتىھانىدا يۇقىرى نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كۆچۈش ئىمتىھانىدا يۇقىرى نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش

بۈگۈن تۈركىيەدىكى تالانتلىق ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلەشنى مەقسەت قىلغان «ئۈمىد تەربىيەلەش پىروگراممىسى » ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەخپىسى ، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسى ، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىسى ھەمكارلىقىدا بۇ يىلمۇ يەنە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كۆچۈش ئىمتىھانى LGS دا يۇقىرى نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان بولۇپ، پائالىيەت ئىنتايىن ھاياجانلىق ۋە ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيەت بولدى.

پائالىيەتتە، ئەڭ يۇقىرى نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچىدىن باشلاپ ھېسابلاپ تۆۋەندىكىچە مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىلدى:

468.47 نومۇر بىلەن بىرىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەن بىر ئوقۇغۇچىغا 10000 (ئون مىڭ) لىرا،

468.15 ۋە 467.61 نومۇر ئىككىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەن ئىككى ئوقۇغۇچىغا 7500 لىرادىن،

467.49، 466.52 ۋە 462.97 نومۇر بىلەن ئۈچىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەن ئۈچ ئوقۇغۇچىغا 5000 لىرادىن نەخ پۇل بېرىلدى .

شۇنداقلا 400 دىن يۇقىرى نومۇر ئالغان 18 ئوقۇغۇچىغا 500 لىرادىن نەخ پۇل مۇكاپات تارقىتىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە پائالىيەتكە تىزىملاتقان 52 ئوقۇغۇچىغا بىردىن سومكا تارقىتىپ بېرىلدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن پۈتۈن ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى يەنە بىر قېتىم چىن كۆڭلىمىزدىن تەبرىكلەيمىز ۋە كەلگۈسىنىڭ ياراملىق ئىز-باسارلىرىدىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا تىلەكداشىمىز.

ئۈمىد تەربىيەلەش پىروگراممىسى

24-07-2022