ئوقۇغۇچىلار ياتىقى

تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەن نەچچە مىڭ ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيەدە ئورۇنلۇشىش ئىشلىرى جىددىي ھەل قىلىنىشى كېرەك بولغان مەسىلىلەردىن بىرسىدۇر. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى بولمىغانلىقتىن، ئۆزى ئۆي كىرالىشى ۋەياكى مەكتەپ ياتاقلىرىدا يېتىش ئىمكانىيىتى ئاساسەن يوق. ياتاقلارنىڭ بىخەتەرلىك ۋە ساغلاملىق مەسىلىلىرىمۇ كۆزدە تۇتۇلغان ئاساستا ئوقۇغۇچىلارغا ساغلام مۇھىت يارىتىپ بىرىش ئوقۇش ئۈنىمىنىڭ يۇقىرىلىشى ئۈچۈنمۇ پايدىلىقتۇر.

سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىمىز يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن، ساغلام ۋە بىخەتەر ئوقۇغۇچىلار ياتىقى تەسسىس قىلدۇق. ياتاقلاردا ئۈچ ۋاقت ئۇيغۇر تامىقى تەمىنلەنگەندىن سرت، ئوقۇغۇچىلار ياتاقنىڭ كۈتۈپخانا، مەسجىد ۋە مۇزاكىرە ئۆيىلىرىدىنمۇ پايدىلىنالايدۇ. ۋەخپىمىز ئوقۇغۇچىلار ياتىقىدا يېتىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش ساپاسى، ئوقۇش ئەھۋالى ۋە ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە ياردەم قىلىدۇ.

ئوقۇغۇچىلار ياتىقىغا شەرقىي تۈركىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەن، تۈركىيەدە رەسمىي ئونۋېرستىتلاردا ئوقۇۋاتقان ياكى تەييارلىق قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار تىزىملاتسا بولىدۇ.

سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىمىز تارمىقىدىكى ئوقۇغۇچىلار ياتاقلىرى:

بارات ھاجى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار ياتىقى

ئادرىس:

سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسى قىز ئوقۇغۇچىلار ياتىقى

ئادرىس:

تىزىملىتىش ئۇسۇلى:

سۇتۇق بۇغراخان ئوقۇغۇچىلار ياتىقى ئىلتىماس قىلىش تىزىملىكىنى تولدۇرۇش

2 پارچە رەسىم

بىر نۇسخا ئوقۇغۇچلىق بەلگىسى ئەسلى نۇسخىسى

بىر نۇسخا پاسپورت كۆپەيتمىسى

بىر نۇسخا تۈركىيە ئىقامەت كۆپەيتمىسى