ئوقۇش ياردەم پۇلى

تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەن نەچچە مىڭ ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى سىياسىي ۋە باشقا ئەھۋاللار سەۋەپلىك ماددىي جەھەتتىن جىددىي ياردەمگە ئېھتىياجلىقتۇر. بەزى ئوقۇغۇچىلار ئائىلىسىدىن ئىقىسادىي ياردەمگە ئىرىشەلىسىمۇ، ئەمما كۆپىنچە ئوقۇغۇچىلار بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلار ئائىلىسىدىن ئىقتىسادىي ياردەمگە ئىرىشىش ئېمكانىيىتى يوق. بۇ ئەھۋالدا ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى بىرىش ھازىرىقى جىددىي قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەرنىڭ بىرىدۇر.

سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىمىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش جەريانىدىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئوقۇش ياردەم پۇلى بىرىش خىزمىتىنى يولغا قويدى. شەرقىي تۈركىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەن ھەرقانداق ئوقۇغۇچى ۋەخپىمىزنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى ئىلتىماس جەدىۋىلىنى توشقۇزۇپ، ئوقۇش ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ۋەخپىمىز ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ئەھۋالى، ئىقتىدارى، ئىقتىسادىي ئەھۋالى ۋە ئائىلە ئەھۋالىغا ئاساسەن لاياقەتلىك ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ چىقىپ ئايلىق ئوقۇش ياردەم پۇلى بىرىۋاتىدۇ.

نۇرمال ئوقۇش ياردەم پۇلىدىن سىرت يەنە، ۋەخپىمىز جىددىي ئېھتىياج ياردىمى، كىيىم كىچەك ياردىمى ۋە يىللىق ئوقۇش راسخوت ياردىمى بىرىۋاتىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ۋەخپە مەركىزىمىزگە كىلىپ، ئەھۋاللىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق بۇ ياردەملەرگە ئىرىشەلەيدۇ. ۋەخپىمىز ھازىرغا قەدەر 300 ئەتراپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى بىرىۋاتىدۇ. ۋە ھەر يىلى ئوقۇش پۇلىنى تۆلەشتە قىينىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈنمۇ ياردەم قىلىۋاتىدۇ.

ۋەخپىمىز تالانتلىق ۋە تىرىشچان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياردەمگە ئىرىشەلىشى ۋە ساخاۋەتچىلەرنىڭ توغرا يەرلەرگە ياردەم قىلالىشى ئۈچۈن ئىشەنچىلىك بىر ۋاستە بولۇشنى نىشان قىلىپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ياردەم ئىئانە قىلىشنى خالايدىغان ساخاۋەتچىلەر ئىئانە كۆزنىكىدىكى بانكا ھىسابىغا بىۋاستە ياردەم يوللىسا ياكى ۋەخپە مەركىزىگە كىلىپ، ياردەمنى تاپشۇرسا بولىدۇ.

ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئىلتىماس قىلىش شەرتلىرى:

تۈركىيەدە رەسمىي ئونۋېرستىتتا ئوقۇۋاتقان بولۇش

شەرقىي تۈركىستان ياكى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەن بولۇش

ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېھتىياجى بولغان بولۇش

ئوقۇش پۇلىغا ئىلتىماس قىلىشقا كېتەرلىك ماتىرىياللار:

بىر نۇسخا ئوقۇغۇچلىق بەلگىسى ئەسلى نۇسخىسى

بىر نۇسخا پاسپورت كۆپەيتمىسى

بىر نۇسخا تۈركىيە ئىقامەت كۆپەيتمىسى

4 پارچە رەسىم

ئوقۇغۇچى ۋەخپە مەركىزىگە كىلىپ، يۇقىرىقى ماتىرىياللارنى ئوقۇش ياردەم پۇلى ئىلتىماسى جەدىۋېلىگە قوشۇپ تاپشۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. قۇبۇل قىلىنغانلىق ئۇچۇرى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ۋەخپە تەرىپىدىن ئۇختۇرۇش قىلىنىدۇ.